بۇ 10 قىزدىن 1 نى تاللا دىسە قايسىنى خوتۇن قىلىسىز

时间:2016-11-25 00:00:00   |    世界名人


pari :سالون ئىزدەش نامى 

بىرىنچى قىز: باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە، ئەدەپ ئەخلاقلىق، ئاقكۆڭۈل لىكىن خىزمىتى يوق قىز.


ئىككىنچى قىز: ئۆتتۇرا تىخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. مەدىنىي، ئىشچان ، تولىمۇ پاكىز، پاكىزلىغىدىن ئۇ تازلىغان يەردىن ئەيمىنمەي ماڭالمايسىز، ئىغىزىڭىز تەككەن يەرنى ئىككى قىتىم سۇرتۇپ تۇرىدۇ. پاكىزلىق بىلەن يۈرىگىڭىزنى سىقىپ تۇرىدۇ. بالىلار يەسلىسىدە ئىشلەيدۇ.


ئۈچىنچى قىز: مەدىنىي، ئالى تىخنىكوم مەدىنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە. تولىمۇ ھاكاۋۇر، مەنمەنچى، نەزىرى ئۈستۇن. ھىچكىمنى ياقتۇرمايدۇ، ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدۇ.


تۆتىنجى قىز: ئاددى ساددا مۇلايىم ئاق كۆڭۈل ئۆزىنى بىغىشلاش روھىغا ئىگە. تۇرقىدىن كەمتەرلىگى ۋە مەيۇسلىگى چىقىپ تۇرىدۇ. كۆپ ئىشلارغا بىپەرۋا، كەم سۆز، خىزمىتى دوختۇرخانىدا.


بەشىنچى قىز: ئىلغار مەدىنىيەتنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، مەرت سىخى چىرايلىق، ئىشقا خوشى يوق، ئايىغىنى باشقىلار سۇرتۇپ بەرمىسە كىيمەيدىغان ھورۇن، تاماق ئىتىشكە مىھمان كۈتۈشكە خوشى يوق، ئۆيى ماشىنىسى ھوكىمەت ئورگىنىدا خىزمىتى بار.


ئالتىنجى قىز: ئەدەپ ئەخلاقلىق شۈكرى قانائەتلىك، گۈزەل ۋە مەدىنىي خىزمىتى يىراق تاغلىق رايۇندا ئۇقۇتقۇچى. ئۇ قارىمىسا بولمايدىغان كىسەل ئانىسى بار.


يەتتىنجى قىز: كىشىگە گۈزەللىك تەربىيىسى بىرەلەيدىغان، لىكىن كۆرگەنلا كىشىدىن قۇسۇر تىپىپ ئەيۋەن قويالايدىغان تىرىشچان ئىشچان مەدىنىي پۇل تىپىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتالايدىغان سودىگەر قىز.


سەككىزىنجى قىز: كۆرۇمسىز، كىيىنىشى مەدىنىي، ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ، كۆيۈملۈك، شۈكرى قانائەتچان. چىھرىدىن كۈلكە ۋە خۇشاللىق مىھرى مۇھاببىتى يىغىپ تۇرىدىغان دۆلەت مەمۇرى.


توققۇزىنجى قىز: چىرايلىق مەدىنىي، ياخشى ئورۇندا خىزمەتتە. ئەركە نايناق، چۈمسە، ئىچى تار ھەسەتخور كۈنلەمچى. باشلىقنىڭ قىزى.


ئونىنجى قىز: شۈكرى قانائەتچان، جاپا مۇشىەققەتتىن قورقمايدىغان باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۇشكە ئامراق چىقىشقاق ، ئاقكۆڭۈل، خۇشخۇي، بىلىملىك،گۈزەل قىز. خۇسۇسىي كارخانىدا ئىشلەيدۇ.

.ئاستىدىكى ئېلاننى بېسىپ قويۇڭ، قوللاش شۇنچېلىكلا ئىش



最新图文